. باش بەت . مۇزىكا بېتى . ناۋا . مۇنبەر

 بايانات (چوقۇم كۆرۈڭ)

   ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرى تېخى ئەمدىلا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. سۈپەتلىك MTV ۋە ناخشا پىلاستىنكىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، قەدىرلەپ ساقلاپ دوستلىرىمىزغا سوۋغا قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى ناخشىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى ـ ئۆزىمىزنى پەخىرلەندۈرۈپ، ئۆزگىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىدىغان، مىللتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتى كۈچنى نامايەن قىلىدىغان، ھەممەيلەن ئۈمىد قىلىدىغان بىر ياخشى ئىش. ئەمما بەزىبىر مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز، ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ھالال-ھاراملىقىنى جىق ئويلىشىپ كەتمىگەن كىشلىرىمىز مەدەنىيەت سودىگەرلىرى مىڭبىر جاپادا مەبلەغ سېلىپ روياپقا چىقارغان ياخشى ناخشا، MTV ۋە كىنو فىلىملەرنى ئۆزى بىلگىنچە كۆپەيتىپ، كۆچۈرۈپ سېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، مەدەنيەت بازىرىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا...............................
   بەس-بەس بىلەن پەيدا بولۇۋاتقان، ھىچقانداق قانۇنى ئىگىلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغان تور بېكەتلەر ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا زىيارەتچى قوغلىشىپ ياكى ئازغىنە ئېلان كىرىمىنى كۆزلەپ باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ناخشىلارنى بىسوراق ھالدا تور بېكەتلىرىدە ھەقسىز تارقاتماقتا...
   ئوغىرلىقچە كۆپەيتىلىش، توردا ھەقسىز تارقاپ كېتىش تۈپەيلى ئارانلا 10مىلىيۇن نوپۇسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇنچە چوڭ  بولمىغان ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرى ساھەسىگە مەبلەغ سالىدىغانلار ئارقا-ئارقىدىن زىيان تارتتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى پىلاستىنكىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ كىتىشى بىلەن كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنىدىغان نادىر پىلاستىنكىلارنىڭ بۇندىن كېيىن بارلىققا كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ قالدى.
   ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنىڭ قوغدالماسلىق مەسىلىسى ھەل بولمىسا ئاخىرقى ھىساپتا زىيان تارتقۇچى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى ئەمەس بەلكى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىدىغان بىز ئىستىمالچىلار بولۇپ قالىمىز. چۈنكى پىلاستىنكىغا سېلىنغان مەبلەغ قايتۇرىۋېلىنمىسا، ھەۋەسكارلاردىن باشقا ھىچكىممۇ بۇ ھالەتتىكى ئۇيغۇرچە ناخشا–مۇزىكىلارغا مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇدا تېگىشلىك ئىقتىسادى جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ئۈن-سىن ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىز ئىزىدا توختاپ قېلىشى ھەتتا چېكىنىپ كېتىشى مۈمكىن. چۈنكى بىۋاستە ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسە، ئۈن-سىن سودىگەرلىرىلا ئەمەس ئىجادىيەتچىلەر ۋە سەنئەتكارلارمۇ مۇنەۋەر ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقارمايدۇ.
   سىز نۇر دېسكىغا سېلىپلا كۆپەيتىۋالغان ياكى تور بېتىڭىزگە قويۇۋالغان ھەر بىر ناخشا - ناخشىچىغا بېرىلىدىغان ھەق ياكى سۈرەتكە ئېلىش، مۇقاۋا لايىھەلەش باستۇرۇش جەريانىدىكى چىقىملارنى نەزەرگە ئالمىغاندىمۇ ھەر بىر چالغۇچىغا ھەق بېرىش، ئۈن ئېلىش ئۆيىگە سائىتىگە ھىساپلاپ ھەق تۆلەش، ئاخبارات نەشرىيات ئورۇنلىرىغا نومۇر پۇلى تۆلەش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش جەريانىغا مۇھتاج بولىدۇ. مەبلەغ قانچىلىك كۆپ سېلىنسا شۇنچە نادىر ناخشا ۋە MTV لارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىغا مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن پىلاستىنكا چىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭمۇ قايتۇرۇپ كېلىنمەسلىكى يېڭى، ئۆزگىچىلىككە ئىگە گۈزەل مۇزىكىلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا زۆرۈر بولغان ئىقتىسادى قىممەت بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋېرىپ بازار ئەسلىگە كەلمىسە ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ، بازار ئىستىقبالى بولمىغان سەنئەت قەھەتچىلىككە ئۇچرايدۇ!...
   ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرى بىزنىڭ ئاسرىشىمىزغا، تەرەققى قىلدۇرىشىمىزغا، كۆڭۈل بۆلۈشمىزگە مۇھتاج. ھەر قايسى تور بېكەتلەرنىڭ پىلاستىنكىلارنى تورغا چىقارغاندا يازما رۇخسە ئېلىپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئورتاق تەرەققى قىلىشتەك ساغلام ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن سودا پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز.
   ھەممەيلەننىڭ ئاڭلىق تۈردە سۈپەتسىز ياكى ئوغىرلىقچە نەشىر قىلىغان ئۈن ـ سىن بويۇملىرىغا سەل قارىماسلىغىنى، ئىمكانىيەت بولسا كۆكرەك كېرىپ ھەققانىيەتنى قوغدىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزنىڭ ياخشى ئىجادىيەت، ياخشى تەكلىپلىرى بىلەن مەۋجۇتلىغىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ قەدىرلىك مەدەنىيىتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش جەمىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش جەمىيىتى


 

Copyright(C)2008 www.qarluq.com All Rights Reserved

新ICP备08001432号 | 增值电信业务经营许可证B2-20060040 音像经营许可证